Emergency: 112
Non-emergency: 0900-8844

Appeal for witnesses

Opsporing Verzocht

ئوققا تۇتۇلغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى: مەخمۇت ئىسكەندەر

23 ياشلىق مەخمۇت ئىسكەندەر 10-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئوسستىكى پروفېسسور رېخۇت كوچىسىدىكى ئېتىشىشتىن كېيىن قازا قىلدى. ئۇنىڭ مۇقىم ئۆيى ياكى تۇرالغۇسى يوق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ساقچىلار ئۇنىڭ يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلگۈسى بار. سىز ئۇنى تونۇمسىمز؟ ئۇنىڭ قەيەرلەردە تۇرغانلىقىنى بىلەمسىز ياكى باشقا ئۇچۇرلىرىڭىز بارمۇ؟ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ھەمدە جاۋابقا ئېرىشىشىمزگە ياردەملىشىڭ!

مەخمۇت ئىسكەندەر

23 ياشلىق بۇ ئەر جۇڭگودا تۇغۇلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىدىن، ئۇيغۇرچە/ تۈركچە شۇنداقلا ئىنگلىزچە سۆزلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ قانداق قىلىپ گوللاندىيەدە كېلىپ قالغانلىقى ئېنىق ئەمەس. شۇنىسى بىزگە مەلۇمكى، ئۇ ئىلگىرى بىددىڭخوۋزېن، تېرئاپېل، ئېنشخېدې، ئوس ۋە ئوستېرخاۋت ئەتراپىدىكى رايونلاردا تۇرغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ساقچىلار ئۇنى تونۇيدىغان ۋە ياكى ئۇنىڭغا پاناھلىنىش ئورنى تەمىنلىگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالايدۇ.

ئوستىكى ئىتىشىش

سىز بىزنىڭ دېلونى تەكشۈرۈشىمىزگە ياردەم قىلالايسىز! بىز ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇچۇر توپلايمىز ۋە تەھلىل قىلىمىز. بۇ تەكشۈرۈشتە تېپىشماقنىڭ بارلىق پارچىلىرى، تەكشۈرش گۇرۇپپىمىزنىڭ نېمە ئىش بولغانلىقىنى تولۇق ئىگىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

شۇڭا ساقچىلار ئۇنى تونۇيدىغانلارنى، ئۇنى كۆرگەنلەرنى، ۋە ياكى ئۇ، ياكى ئېتىشىش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغانلارنى، ئالاقىلىشىشقا چاقىرىدۇ. تەكشۈرۈش قىزىق لىنىيىسى (ھەقسىز)6070-0800 غا تېلېفون قىلىڭ، مەخپىي ھالدا دۆلەت ئاخبارات ئەترىتى ئارقىلىق ياكى جىنايەتنى نامسىز مەلۇم قىلىش، ياكى تۆۋەندىكى جەدۋەل ئارقىلىق ياكى

tgo-algemeen.ob@politie.nl بىلەن ئالاقىلىشىڭ

Team Criminele Inlichtingen (TCI) via 0492-394189

Maihemuti Yisikandaier
Contact us

Bel de Opsporingstiplijn (gratis)

0800-6070